0 / 0

كېسەللىك سەۋەبىدىن ئورۇقلاپ كەتكەن بولسا، رامىزاندا روزا تۇتمىسمۇ بولامدۇ؟

سوئال: 221210

ئۆتكەن يىلى سالامەتلىكىم ياخشى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن بەدەن تەڭپۇڭلىقىمنى يوقىتىپ، بەدەن ئېغىرلىقىم بەك تۆۋەنلەپ كەتتى، شۇ سەۋەپتىن دوختۇرنىڭ تەلىماتى بويىچە رامىزان ئېيىدا روزا تۇتالمىدىم، بۇ يىل ئەھۋالىم بىر ئاز ياخشى، لېكىن بەدەن ئېغىرلىقىم يەنىلا تۆۋەن مۇۋاپىق ئەمەس، ئاتا-ئانام، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىم ۋە يېقىن دوستلىرىم بۇ يىلمۇ روزا تۇتماسلىقىمنى تەۋسىيە قىلدى، مەن ئۇلار بىلەن بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىشتىم، چۈنكى مەن بۇ يىل ئۆزۈمنى خىلى ياخشى بولۇپ قالغان، روزا تۇتالايدىغاندەك ھېس قىلىمەن، ئانام بىز تۇرىۋاتقان جايدىكى مەسچىتنىڭ ئىمامىغا تىلىپۇن قىلىپ مېنىڭ ئەھۋالىمنى چۈشەندۈردى، ئىمام مېنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىمنىڭ بەك تۆۋەن ئىكەنلىكىنى رامزاندا روزا تۇتماسلىقىمنى بۇيرىدى. مەن ئۇلارنىڭ تەۋسىيىلىرىنى قوبۇل قىلىپ روزا تۇتماي كېيىن تولۇق ياخشى بولغاندا ئاندىن قازاسىنى تۇتىمەنمۇ ياكى مۇشۇ ئەھۋالىم بىلەن روزا تۇتىۋىرىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلەتاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرىبولسۇن.

ئاللاھتائالادىن سىزنىڭ تىنىڭىزگە سالامەتلىك،كېسىلىڭىزگە شىپالىق بېرىشىنىسورايمىز. سىز مەسئۇل دوختۇرىڭىزبىلەن كۆرۈشۈپئەھۋالىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ،ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىش قىلىشىڭىزكېرەك. دوختۇر سىزنىڭ روزا تۇتۇشقا بەرداشلىقبىرەلەيدىغانلىقىڭزنى تەكىتلەپ، روزاتۇتسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە ۋەكېسىلىڭىزنىڭ شىپا تېپىشىغا تەسىريەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتسا، بۇ سۆز ئاللاھنىڭئىزنى بىلەن سىزنىڭ ۋە ئاتا-ئانىڭىزنىڭكۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىدۇ، شۇنىڭدىنكېيىن سىز ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن روزاتۇتۇشقا قادىر بولالايسىز.

ئەممادوختۇر سىزگە روزا تۇتسىڭىز مۇشەققەتبولىدۇ، سالامەتلىك جەھەتتە بەزىقىيىنچىلىقلار بارلىققا كېلىدۇ دەپ قارىغان بولسا، ئۇۋاقىتتا سىز روزا تۇتماي، ئاللاھ تائالاكېسىلىڭىزگە تولۇق شىپالىق ئاتا قىلىپ،سالامەتلىكىڭىز ئەسلىگە كەلگەندەرامزاندا تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشىڭىز ياخشىبولىدۇ.

مالىكىمەزھىپىدىكى ئالىملاردىن دەردىير رەھىمەھۇللاھمۇنداق دەيدۇ: ئىشەنچىلىك دوختۇرنىڭ روزاتۇتسىڭىز كېسىلىڭىز زىيادە بولىدۇ ياكىكېسىلىڭىزنىڭ شىپا تېپىشى كېچىكىپكېتىدۇ دەپ قارىغان بولسا بىمارنىڭ روزا تۇتماسلىقىدۇرۇس بولىدۇ، شۇنىڭدەك روزاتۇتۇش بىلەن مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىق ھاسىل بولسا روزا تۇتمايدۇ. [“ئەششەرھۇل كەبىر مەئە ھاشىيەتۇل دۇسۇقىي 1-توم 535-بەت].

شەيخئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: روزا تۇتۇش بىلەن كېسىلى زىيادەبولىدىغان ياكى كېسىلىنىڭ ساقىيىشى كېچىكىپ كېتىدىغانياكى روزا تۇتۇش بىلەن كۆپمۇشەققەت-قىيىنچىلىق ھاسىل بولىدىغان ھالەتتەبىمارنىڭ روزا تۇتماسلىقى دۇرۇس بولىدۇ.

ئەمماروزا تۇتسا ھېچ قانداق تەسىر بولمايدىغان چىش ئاغرىقى، بارماقئاغرىقى قاتارلىق بىمارلارنىڭ رامىزاندا روزاتۇتماسلىقى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى چىشى ئاغرىپ قالغان كىشى روزاتۇتمىسا، بۇنىڭ ئۇ كىشىنىڭ كېسىلىگەھېچ پايدىسى بولمايدۇ. لېكىن دوختۇر بىمارغا: روزاتۇتماي يېمەكلىكنى ۋاقتىدا يېسىڭىز بۇچىشىڭىزنىڭ ئاغرىقىنى يەڭگىللىتىدۇدېگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا روزا تۇتمىسادۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى بەزى ۋاقىتتا يېمەكلىكنىڭكەمچىل بولىشى سەۋەبىدىن كېسەلنىڭۋاقتى ئۇزىراپ كېتىش، ئاغرىقى كۈچىيىپكېتىشكە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. كۆزئاغرىقىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، كۆزى ئاغرىغان كىشى روزاتۇتسا كۆزىنىڭ ئاغرىقى كۈچىيىپ كەتسە روزاتۇتمايدۇ، تەسىرى بولمىسا روزاتۇتۇۋېرىدۇ. [ئىبنىقۇدامە رەھىمەھۇللاھنىڭ “تەئلىقاتئەلەلكاپى” ناملىق ئەسىرى 3-توم 123-بەت].

ئىنساننىڭبەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاشياشتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن تۆۋەنلەپكېتىشى روزا تۇتماسلىققا سەۋەپ بولالمايدۇ،ئەمما روزا تۇتۇش سەۋەبىدىنجاپا-مۇشەققەت، قىيىنچىلىق بارلىققا كېلىدىغان ئېھتىمالى بولسا، روزا تۇتۇش سەۋەبىدىنتۆۋەنلەپ كەتكەن يىمەكلىككەمچىللىكىنى تولۇقلاش مۇمكىن بولامدۇ،بولمامدۇ؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئىشەنچىلىكدوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش زۆرۈربولىدۇ.

بۇتوغرىداتېخىمۇ كۆپمەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 140246-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەتقىلىنسۇن.

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android